مەزكۇر تېما پايدىلىش قىممىتى يۇقىرى دەپ قارالغاچقا بىلىك كۇلۇبىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى . قوشماق يازمىسى يېقىندىن بىرى بىلىك كۇلۇبىدا سۆز-ئاتالغۇ ياساش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار كۆپىيىپ قالدى. مەنمۇ موشۇ چوڭ ئېقىمغا ماسلىشىش يۈزسىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى ۋە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار توغرىسىدا ئۇزۇن تېمىدىن بىرنى پارچە-پارچە يوللىماقچى. ئاز-تولا پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.) ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى مېنىڭ بەش يىل ئاۋالقى ماگىستىرلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمگە موناسىۋەتلىك بولغاچقا، كاللامدا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈممۇ ھەل قىلالماي قالغان چىگىش مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ، يەنە بەزى نەرسىلەرنى بىر ئاز نەزەرىيىۋىرەك بايان قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىك كولۇبىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كومپىيۇتىر ساھەسىدىكىلەر بولغاچقا بۇ تېما بىر ئاز زېرىكىشلىك تويۇلىشى مۇمكىن. مەن ئامال بار بۇ نوقتىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىمەن.رەسمىي تېمىغا ئۆتۈشتىن ئاۋال، بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىستۇراي. ئەلۋەتتە بۇمۇ موشۇ تېمىغا ئازدۇر-كۆپتۇر موناسىۋەتلىك. جەمئىيەت ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى، سىياسى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ تىلدا ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىپ تورىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش تىلنىڭ لېكسىكا قىسىمىدا ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. لېكسىكىدا يېڭى سۆزلەر توختىماي بارلىققا كېلىدۇ، كونا سۆزلەر ئىستىمالدىن قالىدۇ ۋە ياكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. يېڭى سۆزلەرنىڭ پەيدا بولىشى ئۈچ خىل يولدا بولىدۇ. 1. تىلدا ئەسلىدىن بار بولغان تىل ماتېرىياللىرى ۋە سۆز ياساش قائىدىسىگە ئاساسەن يېڭى سۆزلەر ياسىلىدۇ. 2. كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنالارنى يۈكلەش ئارقىلىق سۆز ياسىلىدۇ. 3. دىئالىكىت ۋە ياكى باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ توغرىلىق كۆپ سۆزلىمىسەممۇ ھەممەيلەن بۇنى ياخشى بىلىدۇ. شوڭا ئاۋال سۆز ياساشقا تىرىشىمىز، قاملاشمىسا كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنالارنى بىرىپ باقىمىز، يەنە بولمىسا يەرلىك شىۋىلەردىن سۆز ئىزلەپ باقىمىز، يەنە بولمىسا ئالدى بىلەن قېرىنداش تۈركى تىللاردىن، پەقەت بولمىغاندا باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىمىز. بۇ يەردە مۇنداق بىر نەچچە نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 1. تىلدا بار بولغان تىل ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ سۆز ياسىغاندا چوقۇم شۇ تىلنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىگە ماس كېلىشى كېرەك. ئىخچام بولدى دەپ تىلنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىگە توغرا كەلمەيدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن. قىسقارتىش ئۇسۇلى سۆز ياساش ئۇسۇلىغا كىرمىسىمۇ (بۇ توغرىلىق سەل تورۇپ يازىمەن)، لېكىن ئۇنىڭدىمۇ ئەسلى تىلنىڭ قىسقارتىش ئۇسۇلىغا ماس كېلىشى كېرەك. بۇنىڭ مېسالى يېقىندا «ئېلخەت» نىڭ خاتا دېيىلىپ «ئې-خەت» نىڭ توغرا دېيىلىشى. 2. كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنە يۈكلەشكە قارىغاندا يېڭى سۆز ياساش (توغرا، ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا) موھىم ئورۇندا تورۇشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك ئىستىمالدىن قالغان كونا سۆزنى قېزىشقا قارشى تورۇش دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى كونا سۆزلەرنى قېزىش تىلنى بېيىتىشنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى. كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنا يۈكلەشنىڭ يېڭى سۆز ياساشنىڭ ئارقىدا تورۇشىنىڭ سەۋەبى، كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنا يۈكلىگەندە، سۆزنىڭ كونا يېڭى مەنىسى ئوتتۇرىسىدا ئېنىقسىزلىق ۋە بەزى توقۇنۇش يۈز بىرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن بۇ ئەلۋەتتە سۆز قوبۇل قىلغانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى. مەسىلەن، «چاشقان» دېگەن سۆز « مائۇس» دېگەنگە قارىغاندا كۆپ ياخشى، لېكىن «چاشقانچاق ياكى چاشقىنەك، تىزگىنەك» كە يەتمەيدۇ دەپ قارىلىشنىڭ سەۋەبى مانا موشۇ. سۆز قوبۇل قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، سۆز ياساش چارىسى بولمىغاندا، كونا سۆزلەرگە يېڭى مەنا بېرىپمۇ قاملاشتۇرالمىغاندا، يەرلىك شېۋە ۋە قېرىنداش تىللاردىن تېپىلمىغاندا، باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىشقا جاھىللىق بىلەن قارشى تورۇۋالماسلىق لازىم. چۈنكى باشقا تىلدىن سۆز قوبۇل قىلىش، ئۆزىمىز ئىجاد قىلغان نەرسە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم باشتىن كەچۈرىدىغان بىر جەريان. جاھىللىق قىلىش بىزنىڭ تىلىمىزدا تىلىمىز بىلەن ھىچقانداق ئوخشاشلىقى بولمىغان خەنزۈچە سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى بىر شەيئى پەيدا بولغانكەن، بۇنىڭغا دەرھال بىر سۆز تېپىلمىغاندا، كىشىلەر تەبىئىي ھالدا ئۆزى كۆپ ئاڭلايدىغان تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىپ تورىدۇ. ئەمەلىيەتتە خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللاردىمۇ شۇنداق بولغان. ھىچقانداق تىلدا شەيئى پەيدا بولۇشتىن بورۇن ئىسىم پەيدا بولغان ئەمەس. يەنى موشۇنداق جىددى ئەھۋالغا نىسبەتەن مېنىڭ كۆز قارىشىم، ئامال بار ئىنگىلىز تىلى قاتارلىق خەلقئارالىق تىللاردىن قوبۇل قىلىپ تورۇش، يېڭى سۆز ياسىيالىغاندا ئالماشتۇرۇش، ياسىيالمىغاندا خەلقئارا تىللاردىكىسى ساقلىنىپ قېلىش يەنى سۆز ياسىيالمىغاندا خەنزۇ تىلىدىكىنى سىقىپ چىقىرىپ ئىنگىلىز تىلىدىكىنى ئالماشتۇرۇش ئەمەس. 4. باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلمايمىز دەپ شەيئىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان سۆز-ئاتالغۇلارنى قوللانماسلىق. بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەپ تور دۇنياسىدا بۇنداق ئىشلار سادىر بولغان ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولۇشى مۇمكىن. سۆز ئالدى بىلەن توغرا بولۇشى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىخچام بولۇشى كېرەك. باشقا تىلدىن قوبۇل قىلمايمىز، ئىخچام قىلىمىز دەپ ئەسلى شەيئىنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمىسە ئۇنىڭ ئۆز تىلىمىزدىن بولۇشى ۋە ئىخچام بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.بولۇپمۇ يېقىندىن بىرى كومپىيۇتىر ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلاردا موشۇنداق مەسىلە يۈز بېرىۋاتىدۇ.: 5. سۆز-ئاتالغۇ ياساشتا تىلشۇناسلارغىلا تايىنىۋېلىش توغرا ئەمەس. ھىچقانداق بىر تىلدا بارلىق شەيئىلەرگە تىلشۇناسلار ئات قويمايدۇ. كومپىيۇتىر ئاتالغۇلىرى، تىببى ئاتالغۇلار......دېگەندەك نەرسىلەرگە شۇ كەسىپنىڭ ئىگىللىرى ئات قويغىنى ئەڭ ياخشى، تىلشۇناسلار ھەممە ساھەدىكى يېڭى شەيئىلەرنى چۈشۈنۈپ كېتىشى ناتايىن، ئۇلار پەقەت يېڭى سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنڭ ئەسلى ئالاھىدىلىكلىرىگە ماس كېلىش-كەلمەسلىكىگىلا بىر قەدەر توغرا باھا بېرەلەيدۇ. شوڭا سۆز ياساشتا ھەممە ساھەنىڭ كىشىلىرىگە تايانماي بولمايدۇ. بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەب، بىلىكتە بىر قىسىم تورداشلار ھەر قېتىم موشۇنداق مەسىلىلەر چىقسا تىلشۇناسلار ۋە تىل-يېزىق كومىتىتىنىلا ئەسلىرىگە ئېلىشىدۇ. لېكىن ئۇلارنى مىڭ قىستىساقمۇ، بىز كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز ناتايىن. 6. ھە دېگەندىلا تىل-يېزىق كومىتىتىنى تىللاشقا بولمايدۇ. ھەر قېتىم تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلان-تاختايلاردىكى ئىملا مەسىلىلىرى توغرىسىدا گەپ بولۇنسىلا تىل-يېزىق كومىتىتىنى تىللاپ كېتىمىز. تىل-يېزىق كومىتىتىنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىڭلار. ئۇلارغا قانچىلىك ھوقۇق (ئىجرا ھوقۇقى)، قانچىلىك ئادەم كۈچى، قانچىلىك مەبلەغ بېرىلگەنلىكىنى ئويلاپ بېقىڭلار. نورغۇن ئادەم تىل-يېزىق كومىتىتىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. كىملەرنىڭ ئاشۇ ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. مېنىڭ ھىس قىلىشمچە، تىل-يېزىق كومىتىتى دېگەن مەجبۇرىيەتلا بېرىلىپ، ھوقۇق بېرىلمىگەنلا بىر ئورۇن. سۆز-ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدىمۇ ئىشلەيدىغان ئادەمنىڭ سانى، ساپاسى تاينلىق. مېنىڭچە بولغاندا ئۇلارمۇ شۇ ئالغان مائاش ۋە تەمىناتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا خېلى تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ. بىزدىن ھەم تىلشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىگە پۇختا، ھەم يەرلىك شىۋىلەرنى، قېرىنداش تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ۋە چەتئەل تىللىرىنى بىلىدىغانلاردىن كىممۇ ئاشۇنداق ئىدارىدا ئىشلەشنى خالىسۇن. مەن موشۇنى يېزىۋاتقاندىمۇ ئويلاپ باقتىم. بىزدە موشۇ خىزمەتنى قىلىشقا ماس كەلگۈدەك ئادەم پەقەت يوقمۇ ئەمەسكەن، لېكىن ئاشۇلاردىن كىم تىل-يېزىق كومىتىتىدە ئىشلەشكە رازى. مەن نورغۇن باللارنى كۆرگەن، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا مەكتەپ، مەھەللە باشقورۇش كومىتىتى قاتارلىقلاردا ئىشلەشكە رازىكى، تىل-يېزىق كومىتىتىغا بېرىپ ئىشلەشكە رازى ئەمەس. ھەممىسى ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلىسەم بولاتتى دەيدىيۇ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئۈچۈن رولىنى ئەڭ جارى قىلدۇرالايدىغان تىل-يېزىق كومىتىتىغا بېرىپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قانداق بىر ساھەنىڭ سۆز-ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى بولسا چوقۇم شۇ ساھەگە پىششىق، نوپوزلۇق ئادەملەرنى ئەكىلىش كېرەك، بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىراش ئىشى بار. داۋاملىق تىل-يېزىق كومىتىتىغا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېلىپ بىكارلىق ئىشلەشكە كىممۇ رازى بولسۇن. بىر-ئىككى قېتىم مىللىتىم دەپ كېلەر، بەش-ئالتە قېتىم بولغاندا ئۇلارنىڭمۇ ئىشى چىقىپ قالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شوڭا تىل-يېزىق كومىتىتىدىكىلەرگە ئازراق چاپان يېپىپ قوياي. ەمدى رەسمىي تېىمغا ئۆتسەك، يوقىرىدا يېڭى سۆزلەرنىڭ ئۈچ خىل يول بىلەن پەيدا بولىدىغانلىقىنى دېدۇق. مېنىڭ بۇ تېمىدا يازماقچى بولغىنىم بىرىنچى خىل ئۇسۇل، يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسلى بار تىل تەركىبلىرى ۋە سۆز ياساش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ سۆز ياساش. سۆز ياساش ئۇسۇلى دېسە قارىماققا شۇنداق ئاددى، شۇنداق چۈشىنىشلىك بىر مەسىلىدەك تويۇلىدۇ. لېكىن بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىلا ئەمەس، خەلىقئارادىكى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىدىمۇ تۆگىگىنى يوق.شۇڭا ھە دېگەندە بۇنىڭ گۇناھىنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يارامسىزلىقى، تىل-يېزىق كومىتىتىنىڭ ئىشى، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىدىكى بىر نەچچە ھۆكەمەت پۇلىغا تەتقىقات تېمىسى ئىشلەيدىغانلارنىڭ سەۋەبى دەپ تۇرىۋالمايلى.3 T! q4 Y& V% _ s: s ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى دېيىلسە، بىزنىڭ كىتاپلىرىمىزدا قوشۇمچە قوشۇش، بىرىكتۈرۈش، تەكرارلاش ۋە قىسقارتىش ئۇسۇلى قاتارلىق تۆت خىل ئۇسۇل بار دېيىلىدۇ. مېنىڭچە ئالدىنقى ئۈچى توغرا، لېكىن قىسقارتىش ئۇسۇلىنى سۆز ياساش ئۇسۇلى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى: بىرىنچىدىن قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقى مەنىدىكى سۆز ئەمەس، بەلكى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى. ئىككىنچىدىن، يەنى ئەڭ موھىمى، قىسقارتىش ئۇسۇلى يېڭى سۆزلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. قىسقارتما ئۇسۇلدا بارلىققا كەلگەن ھەرپلەر ئەسلى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ «ۋەكىلى». ھەرگىزمۇ قىسقارتىش ئۇسۇلى بىلەن يېڭى بىر سۆز ياسىغان ئىش يوق. ئۇ ئەسلى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسىدىن ئايرىلغان ھالدا مەۋجۈت بولۇپ تورالمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا «چۈشتىن بورۇن»،«چۈشتىن كېيىن» دېگەن سۆز بولمىسا «چ ب ۋە چ ك» لارنىڭ مەۋجۈت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئالدىنقى بىر تېمىدا بەزى تورداشلار تالاش-تارتىش قىلغاندا بىر قىسىم نەرسىلەرنى توغرا چۈشىنەلمىدى دەپ قارايمەن. ئۇبانتۇدا «چ ب ۋە چ ك»نى ئىشلەتكەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇنى «چۈشتىن بورۇن ۋە چۈشتىن كېيىن» نىڭ ئورنىغا دەسستىپ، كېيىنكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق ئەمەس. قىسقارتىلما شەكىل ھامان ئەسلى شەكىلنىڭ مەۋجۈتلىقى ئاستىدا كۈچكە ئېگە بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش خەلىق ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بىر كۈننى بەشكە بۆلۈش، قىسقارتماي ئىشلىتىش دېگەنلەر بىلەن ھىچقانداق توقۇنۇشمايدۇ. موشۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى قىستۇرسام، «چۈشتىن بورۇن» نى «ب» بىلەن «چۈشتىن كېيىن» نى «ك» بىلەن ئىپادىلەشنىمۇ ھىچقانداق نوقتىدىن ئىلمىي دەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئىخچام قىلدىم دەپ خالىغانچە قىرقىيدىغان ئىش توغرا ئەمەس. تىلمۇ ھەم ئىپادىلەش كۈچى ئۇنداق ئاجىز نەرسە ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇلى قوشۇمچە قوشۇش، بىرىكتۈرۈش ۋە تەكرارلاش قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇسۇلنىلا ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ سۆز ياساش دېگىنىمىزنى تىلدا ئەسلىدە بار بولغان تىل تەركىبلىرى ۋە سۆز ياساش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يېڭى سۆزلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۇسۇلى دەپ چۈشەنسەك، مېنىڭچە ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياساش ئۇسۇلى پەقەت بۇلارلا ئەمەس. مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسىدىممۇ ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا كىتاپلىرىمىزدا سۆزلەنمەي قالغان سۆز ياساش ئۇسۇللىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش ۋە مۇمكىن بولسا كۆپچىلىكنى سۆز ياساشقا ئىلھاملاندۇرۇش. ( تەھرىر : admin) |